«ئىسلام دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ دىنىغا ئايلىنىدۇ»
پارس خەۋەر ئاگېنتلىقى، مەركىزى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان بىر تەتقىقات ئورگىنىنى مەنبە قىلغان ھالدا بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.
682461
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام 2050 – يىلى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ دىنىغا ئايلىنىدۇ؛ پارس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەركىزى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان بىر تەتقىقات ئورگىنىنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2010 – يىلى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 1 مىليارد 600 مىليون ، يەنى دۇنيا نوپۇسىنىڭ %23؛ خىرىستىيانلارنىڭ سانى بولسا، 2 مىليارد 200 مىليون، دەپ ھېسابلانغانىدى.
مەزكۇر تەتقىقات ئورگىنىنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 2050 – يىلىغا بارغاندا مۇسۇلمانلار بىلەن خىرىستىيانلارنىڭ سانى بىر – بىرىگە يېقىنلىشىدىكەن، ئارقىدىن مۇسۇلمانلار سانى ئېشىپ، بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ئورگان، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبنى مۇسۇلمان ئائىلىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ پەرزەنت يۈزى كۆرۈشنى خالايدىغان بولۇشىغا چېتىپ ئىزاھلايدىكەن.