ئافرودىسياس ئانتىك شەھىرى

پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلىمىدە سىلەرگە، ب د ت نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىدە ئورۇن ئالغان «ئافرودىسياس ئانتىك شەھىرى»نى تونۇشتۇرىمىز.

594928
ئافرودىسياس ئانتىك شەھىرى

 

تۈركىيەنىڭ كۈلتۈر خەزىنىسى (42)

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! «تۈركىيەنىڭ كۈلتۈر خەزىنىسى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلىمىدە سىلەرگە، ب د ت نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىدە ئورۇن ئالغان «ئافرودىسياس ئانتىك شەھىرى»نى تونۇشتۇرىمىز.

ئافرودىسياس شەھىرى ئەگە رايونىدىكى ئايدىن ۋىلاىيىتىمىزنىڭ نازىلى رايونى ئەتراپىدىكى گەيرە يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، يۇنان رىۋايەتلىرىدىكى «ئايال گۈزەللىك ئىلاھى» دەپ نام ئالغان گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى «ئافرودىت»نىڭ ئىسمى بۇ شەھەرگە قويۇلغان ئىدى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2 ئەسىردىن بۇيان بۇ ئىسىم بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ شەھەر، ھەلەنىستىك ۋە رىم دەۋرلىرىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئىدى. بولۇپمۇ ھەيكەلچىلىك سەنئەتىدە دەۋرنىڭ ئەڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتكەن بۇ شەھەرگە دۇنيانىڭ ھەممىلا ئەتراپىدىن ھەيكەللەر ۋە ھەيكەلتىراشلار كېلەتتى. رىم ئىمپېراتورى ئاغۇستۇسمۇ «ئاسىيادا بۇ شەھەرنى ئۆزەم ئۈچۈن تاللىدىم» دېگەن ئىدى. كاريا رايونىنىڭ پايتەختى ھېسابلىنىدىغان بۇ شەھەر بىر - بىرىدىن ئۆزگىچە يادىكارلىقلار، تۈۋرۈكلەر، تىياتىرخانا، تارىخى تۆت قاناتلىق دەرۋازىلىرى ۋە قەدىمى مۇسابىقە مەيدانلىرى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە. بۇ شەھەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە «ئافرودىت» ئىبادەتخانىسى ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىملار بىلەنمۇ مەشھۇر. 

**** ** * *** *** *** **** *** *****

ئافرودىسياس ئانتىك شەھىرىنىڭ بايقىلشى بۈتۈنلەي تاسادىپى بولغان ئىدى.  تۈركىيەدە يېتىشكەن ئەڭ مۇھىم فوتو – سۈرەت سەنئەتچىلىرىدىن ئارا گۈلەر بىر كۈنى رەسىم تارتىش ئۈچۈن رايونغا كېلىدۇ. گەيرە يېزىسىدا يېزا خەلقىنىڭ ئۆيلىرىنىڭ قۇرۇلىشىدا نۇرغۇنلىغان قەدىمى تاش خىشلارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇلارنى قەيەردىن ئېلىپ كەلگەنلىكىنى سورىغىنىدا، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئانتىك شەھەرنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ. ئارا گۈلەر دەرھال رەسىمەرگە تارتىپ، كېيىن دوستلىرىغا كۆرسىتىدۇ. رەسىمنىڭ بەزىلىرىنى بىر ئامېرىكا ژورنىلىغا ئەۋەتىدۇ.  نەتىجىدە  پۈتۈن ئۆمرىنى مۇشۇ شەھەرنى ئارخىئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈشكە ئاتاپ 1959 يىلى تەكشۈرۈشنى باشلىغان ئاتاقلىق ئارخىئولوگىيە ئالىمى كەنان ئەرىمنىڭ تاكى 1990 يىلى ۋاپاتىغا قەدەرماقالىلىرى بىلەن بۇ شەھەر پۈتۈن دۇنياغا تونىلىدۇ.

*** *** ** ** *** ** ** **** ** *

دەرۋەقە، شەھەرنىڭ ئەڭ مۇھىم تارىخىي ياردىكارلىقى بولغان ئافرىدوت ئىبادەتخانىسىنى، ئاسۇردىن بۇ يەرگە كەلگەن ئاسۇرلۇقلار ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىك ئىلاھلىرىدىن بىرسى بولغان ئىشتارغا ئاتايدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 100 – يىلىدا ياساش باشلانغان ئىبادەتخانا ئانادولۇغا تەۋە ئىيون شەكلىدە تۈۋرۈكلەر ۋە نورمالدىن زىيادا ئوچۇق مەيدانى بىلەن لايىھەلىنىدۇ. مىلادىدىن كېيىنكى 130 – يىلىدا رىم ئىمپېراتورى ھادرىيان تەرىپىدىن مۇقەددەس جاي دەپ ئېلان قىلىنىپ، ئەتراپى تام بىلەن توسۇلغان شەكىلدە پۈتۈپ چىقىدۇ. ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدىكى پەقەتلا راھىپلار كېرەلەيدىغان مۇقەددەس جايغا ئافرىدۇوتنىڭ چوڭ بىر ھەيكى قويىلىدۇ. بۇ ئىبادەتخانا مىلادىدىن كېيىنكى 5 – ئەسىردە خىرىستىيانلارنىڭ تەسىرى بىلەن چىركاۋغا ئۆزگەرتىلىش جەريانىدا ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ.

*** *** ** ** **** *** ** **** *** ***

ئافرودىسياس ھەيكەل سەنئەتى جەھەتتىنمۇ ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يەردە ياسالغان ھەيكەللەر «ئايدىن ئۈسلۈبى»دەپمۇ ئاتىلىدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك ئۈسلۈبى بىلەن تارىخ بويىچە ئاتاقلىق ھەيكەلتىراشلارنىڭ يۈرتى بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ شەھەر ھازىرقى كۈندىمۇ ھەر خىل ھەيكەل كونفرانسىلىرىغا ۋە لېكسىيە سۆلەش يىغىنلىرىغا ساھابخانلىق قىلماقتا. ئانتىك ھەيكەلتىراشلارنىڭ ئەڭ ھەشەمەتلىك ئەسەرلىرىنى ۋە تارىخى تۆت قاناتلىق دەرۋازىلارنى مۇشۇ يەردە كۆرگىلى بولىدۇ.

ئافرودىسياس قەدىمى شەھىرىدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە تۈركىيەنىڭ ئاتاقلىق ئارخىئولوگلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىغان قېزىپ تەكشۈرۈشلەردە ئوتتۇرىغا چىققان يادىكارلىقلار ئافرودىسياس مۇزىيىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا. 1979 – يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن بۇ مۇزىيى ھەيكەللەر ۋە تاش ئويمىلار بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. 1987 – يىلى ب د ت بۇ شەھەرنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى تېزىملكىگە كىرگۈزدى.  2004 – يىلىدا بولسا، مۇتەخسسىلەردىن تەشكىل تاپقان باھالىغۇچلارنىڭ بىردەك قوللاپ ئاۋازى بېرشى بىلەن دۇنيادىكى 10 ئاجايىپ ئانتىك شەھەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

ئانتىك شەھەرنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان گەيرە ناملىق ئۇلتۇراق رايوننىڭ ئىسمىمۇ ئانتىك رايوننىڭ قەدىمى نامى «كاريا»نىڭ تۈركچىلەشتۈرۈلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان دەپ قارالماقتا. بۇ يېزىدا ئەگە يېزىلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي مېھماندوستلۇقى بىلەن ئانادولۇ ئىنسانلىرىنىڭ ئىللىقلىقىنى كۆرەلەيسىز.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئايدىن ۋىلايىتىمىزگە يولىڭىز چۈشۈپ قالسا، چوقۇم بۇ ئانتىك شەھەرنى زىيارەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر