تۈرك ھاممامى

پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلىمىدە سىلەرگە، « تۈرك ھاممامى»نى تونۇشتۇرىمىز.

585534
تۈرك ھاممامى

تۈرك ھاممامى

تۈركىيەنىڭ كۈلتۈر خەزىنىسى (40)

ھۆرمەتلىك  قېرىنداشلار! «تۈركىيەنىڭ كۈلتۈر خەزىنىسى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلىمىدە سىلەرگە، « تۈرك ھاممامى»نى تونۇشتۇرىمىز.

**** *** *** **** ** **** ** **** ** ***

دۇنيا مىقياسىدا قاتتىق ئىسسىقلىقى بىلەن تۇنۇلغان تۈرك ھاممامى رىم ھاممامىدىن  تولىمۇ پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. كلاسسىك رىم ھاممامى بىر قانچىلىغان بۆلۈمدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئەتىگىنى كىرگەن كىشى ئاخشىمى ئۆيىگە ئۇخلىغىلى بارغانغا قەدەر ھاممامدا قالالايدۇ. رىم ھاممامىدا تەنتەربىيە، سۇ ئۈزۈش، كىتاپ ئوقۇش، يېمەك – ئىچمەك قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مۇلازىمەتلەر بولىدۇ. ئاقسۆڭەكلەر بىلەن قۇللار ئۈچۈنمۇ بۆلۈملەر ئايرىلغان بولىدۇ. 

تۈرك ھاممامى تارىخى نۇقتىدىن رىم ھاممامىدىن خېلى ئۇزۇن مەزگىل كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ،  ئاددىي - ساددىيلىقى بىلەن دىققەتنى تارتىدۇ. مەيلى ئاقسۆكەڭ بولسۇن، مەيلى ئادەتتىكى پۇقرا ھەممەيلەن ھاممامنى ئوخشاش ئىشلىتەلەيدۇ. ھاممامنىڭ ئاساسلىق ئەسلىھەلىرى رىم ھاممامى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مەسىلەن؛ زېمىن ئاستىدىن ئىسسىق سۇ ياكى ھورنىڭ تونېللەر ئارقىلىق ئايلاندۈرۈلىشى ئوخشايدۇ. تۈرك ۋە رىم ھامماملىرىدا ئوخشاشلا «گۈلخان»دەپ ئاتىلىدىغان جايدا سۇنى ئىسسىتىش ئۈچۈن كۆپ مىقداردا ئوتۇن ئىشلىتىلىدۇ. ھاممامغا كىرگەندە كېيىمنى چىقىرىپ قويىدىغان سوغۇق بولۈمدە، ھاممام كېيىمى بولغان ۋە بەلدىن تۆۋەننى ئورايدىغان «پەشتاما» كېيىلىدۇ. يىلىمان بۆلىمىمۇ رىم ۋە تۈرك ھامماملىرىدا ئوخشاش بولىدۇ. ئاندىن ئىسسىق بۆلۈمگە ئۆتىدۇ. تۈرك ھاممامىدا يۇيۇنۇش تۈركلەر ئۈچۈن كۈلتۈرگە ئايلانغان بىر ئىش بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىرلەنگەنلىكى ۋە ھېرىپ - چارچىغانلىقىنى ھېس قىلغانلار ھاممامغا بېرىپ، يۇيۇنغىنىدا پۈتۈن كىرلەردىن، ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن تولۇق تازىلانغان ۋە يىڭىلانغان ھالدا سىرتقا چىقىدۇ. 

*** **** **** *** ** *** ** ***

تۈركلەر 10 – ئەسىردىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادا، ھەمدە ئىران ۋە ھىندىستاندا ھاكمىيەت قۇرغان غازنەلى دۆلىتى دەۋرىدە ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتۈشكە باشلىغان ئىدى. ئولتۇراق تۈرمۈشقا ئۆتۈشتىن ئىلگىرى كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرەتتى.  يايلاق ۋە قىشلاق دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى ئايرىم رايوندا ياشايتتى. يازدا ھايۋانلار ئۈچۈن ئوت – چوپى مول يايلاقلارغا كەتسە، قىشتا قىشلاق دەپ ئاتىلىدىغان يەرلەردە قىشنى ئۆتكۈزەتتى. كۈندىلىك تۇرمۇش چېدىرلارنىڭ ئىچىدە ئۆتەتتى. چېدىر ھاياتى ئىچىدە ھاممامغا ئېھتىياج بولمايتتى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئانادولۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىدا ياشايدىغان كۆچمەنلەر تاختىدىن ئويۇپ ياسىغان تۇرۇببا ئارقىلىق چېدىرغا ئېلىپ كىرگەن سۇدا چېدىرلارنىڭ ئىچىدە يۇيۇنىدۇ. تۈركلەر يۇيۇنۇش ۋە تازىلىق ئۈچۈن كۆل، دەريا دېگەندەك باشقا ئامىللارنىمۇ ئىشلىتەتتى. تۈركلەر ئانادولۇغا توپ - توپ بولۇپ كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتۈشكە باشلىغاندا ھاممام ئېھتىياجى تۇغۇلدى. بولۇپمۇ ئوسمانلىلار فەتھى قىلغان شەرقىي رىم شەھەرلىرىدە كۆرگەن رىم ھامماملىرىنى ئۆز كۈلتۈرىگە كۆرە ئۆزگەرتىپ، تۈرك ھاممامى شەكلىدە كۈنىمىزگە قەدەر ياشنىتىپ كەلدى. ئىككى ھاممام ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۆزگىرىشلەر تۇنجى بولۇپ، بۇرسادا مەيدانغا كەلدى. بۇرسا فەتھى قىلىنىش بىلەن تەڭ نىلوفەر رايونىغا ئوخشاش پۈتۈنلەي تۈركلەر ئورۇنلاشقان ئولتۇراق رايونلار شەكىللەندى. ئولتۇراق رايونغا تۈنجى ياسالغان بىنا ھاممام بولدى.  ئوسمانلى تۈرك – ئىسلام پەلسەپىسىگە كۆرە مۇئەييەن سەۋەبلەر بىلەن كىرلەنگەن كىشى تازىلانماي تۇرۇپ ناماز ئوقۇيالمايتتى. ناماز ئوقۇمايدىغان مۇسۇلمان جامە ياكى باشقا بىرەر بىنانىڭ قۇرۇلۇشىدا ئىشلىيەلمەيتتى. بۇ پەلسەپىۋى قاراش ئاساسىدا ھامماملار ياسىلىپ خىزمەتكە چۈشكەندە، ھاممامنىڭ يېنىغا جامە، ئاشخانا، مەدرىسە ۋە بازار قاتارلىق بىنالارمۇ ياسىلىشقا باشلاندى. بۇرسادا بارلىققا كەلگەن بۇ مودېل يېڭى فەتھى قىلىنغان جايلاردا كېيىنكى ئەسىرلەردىمۇ داۋاملاشتى. بىنا ياسىلىشقا باشلىنىش بىلەن بىرگە ئۆزگىچە بىر كۈلتۈرنىڭمۇ شەكىللىنىشى تەبىئىي ئىدى. ھاممامدا ئىشلىتىلىدىغان لۆنگىلەر، بەلگە ئۇرىلىدىغان پەشتامىلار ۋە يۆل يەردە تېيىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن كېيىلىدىغان ياغاچ ئاياقلار ئىشلەپ چىقىرىلىشقا باشلاندى. ئەينەكلەر، تارغاقلار، ھاممام تېشى، سۇ ئۇرۇقى ۋە كىندىك تېشى قاتارلىق كۈلتۈر ئامىللىرى بارلىققا كەلدى.

سىز بىرەر تۈرك ھاممامىغا بارغىنىڭىزدا دەسلەپتە بىر داس سۇ بىلەن بەدىنىڭىزنى نەم قىلغاندىن كېيىن ئىسسىق بۆلۈمىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى كىندىك تېشىنىڭ ئۈستىدە ياتىسىز. كىندىك تىشىنىڭ ئۈستىدە ئېگىز بىر گۈمبەز بولىدۇ. گۈمبەز ھورنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى ۋە ئۇ يەردىن ئىللىق سۈغا ئايلىنىپ تۆۋەنگە تامىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. كىندىك تېشى ئۈستىدە ياتقان كىشى بولۇشىغا تەرلەيدۇ. كىندىك تېشىدا قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە بەدەن راسا يومشايدۇ. ئاندىن بەدىنىڭىز يۇيۇپ كىرنى ئالغۇچى خادىم تەرىپىدىن ئۇگۇلۇنۇپ كىر ئېلىنىدۇ. ئۇگۇلۇنۇش، ماغزاپلىنىپ يۇيۇنۇش، ئاندىن بەدەن تۇتتۇرۇشلاردىن كېيىن ئۆزىڭىزنى دۇنيادىكى ئەڭ خوشال ئادەمدەك ھېس قىلىشقا باشلايسىز.

تۈرك ھامماملىرى ئومۇمەن بىرلا بىنادىن تەشكل تاپىدۇ. ھەپتىنىڭ بەزى كۈنلىرى  ياكى مۇئەييەن سائەتلەر ئاياللارغا ئايرىلىدۇ. سۇلتانلار، پادىشاھلار ۋە كاتتا بەگلەر تەرىپىدىن ياسىتىلغان چوڭ ھامماملاردا بولسا، ئايرىم ئايرىم ئاياللار ۋە ئەرلەر بۆلۈمى بولىدۇ. بۇلار قوش ھاممام دەپ ئاتىلىدۇ.  بىر - بىرى بىلەن قەتئىي ئارىلىشىپ قالمايدىغان شەكىلدە ياسالغان ئەرلەر ۋە ئاياللار بۆلۈملىرىگە ئىككى ئايرىم ئىشىكتىن كىرىلىدۇ. پادىشاھلار ۋە بايلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ سارايلىرىدا ئايرىم ھامماملارنى ياساتقان ئىدى. غەرب سايياھلىرى يازغان ساياھەت نامىلەردە ماختاپ، مەدھىيەلەپ تۈگۈتەلمىگەن تۈرك ھاممام كۈلتۈرى غەرب ئەللىرىدە زور قىزىقىش قوزغىدى. ھەتتا ھەددىدىن زىيادە ئىسسىق يەرلەرنى تەرىپلەش ئۈچۈنمۇ «تۈرك ھاممامى» دەپ تېرمىن ئىشلىتىشكە باشلىغان ئىدى. تۈرك ھاممامى ھەققىدە ئۆز تەسەۋۋۇرلىرىنىمۇ قوشۇپ، مۇبالىغىلەشتۈرگەن ھالدا خاتىرە يازغان ۋە ئەمەلىيەتتىن پۈتۈنلەي ئۇزاق غەلىتە بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان سەيياھلارمۇ ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە.

*** ** ** *** ** *** ***

بۈگۈنكى كۈندە تارىخى شەھەرلىرىمىزدە تارىخىي ھامماملارنى ساياھەت قىلىشقا بولىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تەتىل يېزىلىرىمىزدىمۇ نۇرغۇنلىغان مېھمانخانىلاردا تۈرك ھاممامى بار. سىزمۇ ئەگەر ئۆزىڭىزنى يېڭىلاشنى خالىسىڭىز ھاممام ئەڭ ياخشى تاللاش بولالايدۇ. كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزمەستىن تۈرك ھاممامىنى زىيارەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر