«ۋەتىنىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن تانكىلارغا ئۆزىڭىزنى ئېتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىىز؟»

« ۋەتىنىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن تانكىلارغا ئۆزىڭىزنى ئېتىش ئارقىلىق ھەربىي ئىسيانغا قارشى چىقىشقا مەجبۇر بولۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟»

564544
«ۋەتىنىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن تانكىلارغا ئۆزىڭىزنى ئېتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىىز؟»
türk işadamı şahin kampanya2.jpg
türk işadamı şahin kampanya1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا تۈرك كارخانىچىلار كېڭىشى نېمىس، ئىنگلىز ۋا فىرانسۇز تىللىرىدىكى ئېلان تاختىلىرى ۋە ھۆججەتلىك فىلىملەر ئارقىلىق سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ياۋروپالىقلاردىن ئەنە شۇنداق سوئاللارنى سورىدى. كېڭەش بۇ ئارقىلىق فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنى چۈشىنىشنى خالىمايۋاتقان ياۋروپالىقلارنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئويغىتىپ قويۇشنى مەقسەت قىلماقتا.  

 سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ كەتكەندىن كېيىن، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادىكى ئۇنسۇرلىرى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى.

سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى بولغان كېڭەشنىڭ ياۋروپا رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى تۈرك كارخانىچى سۇئات شاھىنمۇ بۇ ئۇنسۇرلارنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى.

شىۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان شاھىن  «‹ TRT Haber› قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، بۇ ھەقتە توختالدى.

ساياھەت ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەن شاھىن شىۋېتسارىيەدىن يولغا چىققان ۋاقىتتىمۇ قولغا ئېلىنماقچى بولغان.

8 – سېنتەبىر كۈنى شىۋېتسارىيەگە قايتىدىغان شاھىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ تەھدىتلىرىگە قىلچە پەرۋا قىلماي، سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر