خىروشىما پالاكىتىنىڭ 71 – يىللىقى خاتىرىلەنمەكتە

ياپونلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 1945 - يىلى 6 – ئاۋغۇست كۈنى خىروشىما شەھىرىگە تاشلىغان ئاتوم بومبىسىدا ئۆلگەن قۇربانلارنى مۇراسىملار ئارقىلىق خاتىرىلىمەكتە.

546219
خىروشىما پالاكىتىنىڭ 71 – يىللىقى خاتىرىلەنمەكتە
hiroşima atom bombası kubbesi.jpg
hiroşima anma.jpg
hiroşima anma.jpg
hiroşima anma1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا تۇنجى ئاتوم بومبىسى تاشلانغان خىروشىما شەھىرىنىڭ پۈتۈنلەي خاراب بولۇشى ۋە 70 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پالاكەتنىڭ 71 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى شۇ قېتىمقى ھۇجۇمنىڭ مەركىزى ئەتراپىدىكى تىنىچلىق باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىملارغا قاتناشقان ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېمۇ دۇنيانىڭ يادرو  قوراللىرىدىن خالىي قىلىنىشى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم چاقىرىقتا بولدى.

خىروشىما شەھەر باشلىقى كازۇمى ماتسۇيمۇ دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ خىروشىمانى زىيارەت قىلىپ، يادرو قوراللىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان خارابىلىكلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشىنى تەلەپ قىلدى، يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەتلەرگە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ماي ئېيىدا خىروشىمانى زىيارەت قىلغاندا دېگەن سۆزلىرىنى ئەسلىتىپ مۇنداق دېدى: «ئەندىشىلىرىمىزدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جاسارەتلىك بولۇش لازىم ۋە ئەندىشىلەردىن خالىي بىر دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.»

مۇراسىمدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون يوللىغان تەزىيە تېلېگراممىسى ب د ت ۋەكىلى تەرىپىدىن ئوقۇلدى. بان كىمون تېلېگراممىسىدا، دۇنيانىڭ ئاتوم بومبىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ روھىغا باشقا ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا ھازىر بەكرەك ئېھتىياج بارلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە بۇنداق پالاكەتنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن، پۈتكۈل دۇنيانى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا خىروشىماغا تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى تاشلىغاندىلا 70 مىڭ كىشى قازا قىلغان، شەھەرنىڭ % 90 تى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان، ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ناگازاسىگە ئىككىنچى ئاتوم بومبىسى تاشلانغان ۋە مىڭلارچە كىشى ئۆلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن، ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولغانلىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇرۇش مەيدانلىرىدىن چېكىنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر