دۇنيا سومادىكى پاجىئەگە ئورتاقلاشماقتا

68679
دۇنيا سومادىكى پاجىئەگە ئورتاقلاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى 2 – ئېلىزابېت رەسمىي تور بېتىدە ئارقىلىق دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلگە قارىتىپ تەزىيە تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

تېلېگراممىدا، سومادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىلىرىگە سەۋر تىلەندى ۋە تەزىيە تىلەكلىرى ئەۋەتىلدى.

باش بەتتە تۈركىيە بايرىقى بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلىنغان تېلېگراممىدا، ئايال پادىشاھنىڭ سومادا كان ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان تۈرك كۈنى «Turkish Day» پائالىيەتلىرى، كان ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

لوندوندىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىمۇ ئاقساراي ئالدىدا سوما پاجىئەسى ئۈچۈن خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ شام يېقىلدى ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرۇلدى.

نىيۇ يوركتا ئەنئەنىۋى شەكىلدە تۈرك كۈنى ۋە فېستىۋال يۈرۈشى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بايراق چىقىرىش مۇراسىمى، سومادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاتالدى. تۈركىيە ۋە ئامېرىكا بايرىقى ئالدى بىلەن تولۇق چىقىرىلدى، ئارقىدىن يېرىم چۈشۈرۈلدى.

گېرمانىيەنىڭ كان شەھىرى ھامدىمۇ، سومادىكى پاجىئەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرۇلدى. گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تۈركلەر بىلەن يەرلىك خەلقلەر، مۇراسىمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن شام ياقتى.

سۈرىيەدىكى تۈركمەنلەر ئالدىنقى سەپتە قىلغان غايىبانە جىنازە نامىزىدىن كېيىن، كان ۋەقەسىدە ھاياتىدن ئايرىلغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

تۈركمەن تېغى 2 – پەتھى برىگادىسىنىڭ قوماندانى ئەبۇ ئەلفادىل باياناتىدا، بۇ پاجىئەنىڭ ئۆزلىرىنى چوڭقۇر قايغۇغا سالغانلىقىنى ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر