مىنىستىر بولات قاتارنىڭ تۈركىيەدىكى سېلىنمىلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات قاتارنىڭ تۈركىيەدىكى سېلىنما سوممىسىنىڭ 20 مىليارد دوللاردىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

2045280
مىنىستىر بولات قاتارنىڭ تۈركىيەدىكى سېلىنمىلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان تۈركىيە- قاتار سودا ئۆمىكى ۋە ئىككى تەرەپ سودا سۆھبەتلىرى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلدى.

 مىنىستىر ئۆمەر بولات يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «2023 – يىللىق دوھا يەرمەنكىسى» ۋە تۈركىيە سارىيىنىڭ ئېچىلىشى پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن، كاتتا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن قاتارغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

 تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ دوست، قوشنا ۋە قېرىنداش دۆلەتلەر بولۇپلا قالماي، يەنە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولات، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مىقدارىنىڭ يېقىندا ئىمزالىغان سودا كېلىشىملىرى سايىسىدا ئاشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مىنىستىر بولات: «بىز نۆۋەتتىكى سوممىسى 2 مىليارد 300 مىليون دوللار بولغان ئۆزئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىشلارنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. تۈركىيەدىن قاتارغا زور دەرىجىدە مەبلەغلار سېلىنماقتا، 727 تۈرك شىركىتى قاتاردا مەشغۇلات ئېلىپ بارماقتا. قاتارنىڭ 220 شىركىتى تۈركىيەدە مۇھىم تۈرلەرنى ئۈستىگە ئالدى. قاتارنىڭ تۈركىيەگە سالغان مەبلىغى 20 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتتى» دېدى.

تۈرك ھۆددىگەرلىرىنىڭ قاتارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ تۈرلەرنى ئۈستىگە ئالغانلىقى ۋە 18- 19 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مۇلازىمەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقىنى تىلغا ئالغان مىنىستىر بولات، تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ تەرەققىيات يولى تۈرىدىمۇ ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر