كاپادوكيانى زىيارەت قىلغان ساياھەتچىلەر سانى كۈنسېرى ئاشماقتا

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان كاپادوكيا رايونىدىكى مۇزېي ۋە خارابىلەرنى 2 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچى زىيارەت قىلدى.

2020587
كاپادوكيانى زىيارەت قىلغان ساياھەتچىلەر سانى كۈنسېرى ئاشماقتا
kapadokya.jpg
kapadokya-balon.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەۋشەھىر ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى – يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگەن كاپادوكيادىكى مۇزېي ۋە خارابىلەرنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى قارشى ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پەرى تۇرخۇنلىرى ۋە تەبىئىي تاش شەكىللىرى بىلەن قاپلانغان مەنزىرىسى، تارىخى، تەبىئىي ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان كاپادوكيانى، 1- ئايدىن 7- ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا 2 مىليون 356 مىڭ 49 ئادەم زىيارەت قىلدى.

بۇ جەرياندا گۆرەمە ئوچۇق ھاۋا مۇزېيى 1 مىليون 4 مىڭ 666 زىيارەتچى بىلەن تىزىملىكنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولسا، زەلۋە خارابىسى 943 مىڭ 669 ئادەم بىلەن ئىككىنچى، قايماقلى يەر ئاستى شەھىرى 502 مىڭ 137 ساياھەتچى بىلەن ئۈچىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى.

رايوندىكى مۇزېي ۋە خارابىلەرنى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدە 1 مىليون 892 مىڭ 112، 2021- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە 854 مىڭ 449 دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر زىيارەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر