جىل موررىس: ئەنگلىيەدىن كېلىدىغان ساياھەتچى سانى 4 مىليوندىن ئېشىپ، رېكورت يارىتىشى مۇمكىن

ئەنگلىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جىل موررىس دۆلىتىدىن (ئەنگلىيەدىن) تۈركىيەگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر سانىنىڭ 4 مىليوندىن ئېشىپ، رېكورت يارىتىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2020429
جىل موررىس: ئەنگلىيەدىن كېلىدىغان ساياھەتچى سانى 4 مىليوندىن ئېشىپ، رېكورت يارىتىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىل موررىس ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، تۈركىيەگە كەلگەن كۈندىن باشلاپ، ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەردە ناھايىتى يېقىندىن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيە باش ئەلچىسى جىل موررىس: «پەقەت ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسىنى زىيارەت قىلىش ۋە ئەنگلىيەنىڭ قىممىتى 780 مىليون ياۋرودىن ئاشىدىغان ئىنتايىن چوڭ تۆمۈر يول تۈرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىش قاتارلىق پىروگراممىلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن، ئەنگلىيەنىڭ ئۈچ ۋەزىرى تۈركىيەنى  زىيارەت قىلدى» دېدى.

موررىس ئەنگلىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ يېڭى ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈش سۆھبەتلىرىنى باشلاشنى قارار قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھەر ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش، بۇ يىلمۇ تۈركىيە ئەنگلىيە ساياھەتچىلىرى ئۈچۈن ئەڭ ياقتۇرۇلىدىغان دەم ئېلىش مەنزىلى. بۇ يىل ئەنگلىيەدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەر سانىنىڭ 4 مىليوندىن ئېشىپ رېكورت يارىتىشىنى كۈتۈۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر