ئىسۇزۇ رۇسىيە بازىرىدىن چېكىنىپ چىقتى

ياپونىيە كىچىك تىپلىق يۈك ماشىنىسى ئىشلەپچىقارغۇچىسى — ئىسۇزۇ (Isuzu) رۇسىيە بازىرىدىن چېكىنىپ چىقتى.

2011385
ئىسۇزۇ رۇسىيە بازىرىدىن چېكىنىپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بازار مەنبەلىرىنى تايانچ قىلغان بىر خەۋىرىدە، ئىسۇزۇنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن كېيىن زاپچاس بىلەن تەمىنلەش تەمىنلەش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكى ۋە 2022- يىلى 3- ئايدا توختاپ قالغان ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

زاۋۇتتىكى مەشغۇلات توختاپ كېتىشنىڭ 2022- يىلى ئاپرېلدىن 2023 – يىلى 3 – ئايغىچە بولغان جەرياندا ياپونىيە شىركىتى ئىسۇزۇغا 1 مىليارد 700 مىليون يەن (12 مىليون دوللار) قوشۇمچە ئىقتىسادىي زىيان يەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسۇزۇ شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ توختاپ قېلىشى، زاپچاس تەمىنلەش مەسىلىسى، ئىقتىسادىي زىيان قاتارلىقلار ئامىللار تۈپەيلى ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا رۇسىيە بازىرىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىگىلىنىشچە، ياپونىيە شىركىتى — ئىسۇزۇنىڭ پاي چەكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى ۋە 200 گە يېقىن خىزمەتچىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان رۇسىيە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىسى — Sollers غا ساتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيەدىكى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنى 2008 – يىلى باشلىغان ياپونىيەنىڭ كىچىك تىپلىق يۈك ماشىنىسى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى ئىسۇزۇنىڭ تور بېكىتىدىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، شىركەت 2021- يىلى رۇسىيەدىكى مەركىزىدە 3700 ماشىنا ئىشلەپچىقارغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر