تۈركىيەنىڭ ئىيۇن ئېيىدىكى ئېكىسپورتى 20 مىليارد 901 مىليون دوللارغا يەتتى
تۈركىيە سودا مىنىستىرلىقى 6-ئايدىكى تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.
.تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ ئىيۇن ئېيىدىكى ئېكىسپورتى 20 مىليارد 901 مىليون دوللارغا يەتكەن.
2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، 6 ئايلىق ئېكسپورت 123 مىليارد 400 مىليون دوللار بولغان.
يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمدا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قىلغان ئېكسپورتى 52 مىليارد دوللار، ئافرىقىغا 10 مىليارد دوللار، ئامېرىكىغا 10 مىليارد 600 مىليون دوللار، يېقىن ۋە ئوتتۇرا شەرققە 20 مىليارد 700 مىليون دوللار دەپ ھېسابلاندى.
دۇنيا ئىقتىسادىدا كۆرۈلگەن توختاقلىققا قارىماستىن، تاشقى سودىدىكى ئىجابىي تەرەققىياتلار دۆلەتنىڭ ماكرو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق مەبلەغ سېلىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئېكسپورت ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش جەھەتتە مۇۋاپىق مۇھىت بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.