تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى رېكورت بۇزۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى — THY تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىشى ۋە يولۇچى قېتىم سانىغا يەتتى.

2003524
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى رېكورت بۇزۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى مەتبۇئات ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى يەھيا ئۈستۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، شىركەتنىڭ ئارقا – ئارقىدىن رېكورت بۇزۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شىركەتنىڭ 1664 نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىشى ۋە 285 مىڭ 877 يولۇچى قېتىم سانى بىلەن تارىخىدىكى كۈندىلىك ئۇچۇش ۋە يولۇچى قېتىم سانى رېكورتنى بۇزغانلىقىنى تەكىتلىگەن يەھيا ئۈستۈن، باياناتىدا: «بايرىقىمىزنى ئاسماندا لەپىلدىتىپ، ئېگىز ئۈچۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگىمۇ ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر