ئىرانلىق ساياھەتچىلەر ۋانغا سەل بولۇپ ئاقتى

ئۆز دۆلىتىدىكى 3 كۈنلۈك رەسمىي دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلانماقچى بولغان ئىرانلىق ساياھەتچىلەر ۋانغا يېتىپ كەلدى.

1994989
ئىرانلىق ساياھەتچىلەر ۋانغا سەل بولۇپ ئاقتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ۋاندا مېھمانخانىلارنىڭ تولۇپ كېتىش  نىسبىتى يۇقىرى چەككە يەتتى ۋە  كوچا مەھەللىلەر  ئىرانلىقلار بىلەن تولدى.

ھاۋارايىنىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، كۈندۈزى شەھەرنىڭ تارىخىي ۋە ساياھەت ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئىرانلىق ساياھەتچىلەر ۋاقىتلىرىنىڭ  بىر قىسىمىنى  مال سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلماقتا.

ئىرانلىقلار كەچتە كۆڭۈل ئېچىش مەركەزلىرىگە يۈگۈرۈپ دەم ئېلىشتىن ھۇزۇرلانماقتا.

ۋاننى ۋە ۋان خەلقىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىران ساياھەتچىلىرى بۇ شەھەرنى ئىرانغا يېقىن ۋە ئەرزان بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر