چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ياۋروپانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ياۋروپانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1983944
چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ياۋروپانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليادىكى بىر يىغىندىكى سۆزى جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ تەبىئىي گاز سودىسىدىكى مۇھىم دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز شەرقىي ياۋروپا، شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا، بالقان رايونى قاتارلىق ياۋروپا رايونلىرىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە باشلىدۇق» دېدى.

ئەزەربەيجاندىن كەلگەن ترانس ئانادولۇ تەبىئىي تۇرۇبا لىنىيەسى (تاناپ)نىڭ سىغىمچانلىقىنى ئىككى ھەسسە (16 مىلياردتىن 32 مىليارد كۇب مېتىرغا) ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ: «بۇ ئىشقا 6– 5 يىل ۋاقىت ئالىدۇ. بەش دانە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG) پونكىتلىرىمىز بار. بىز يەنە ئامېرىكا ۋە ئومان بىلەنمۇ توختام ئىمزالىدۇق. ئالجىرىيەدىن نىگېرىيەگىچە بولغان 15 ئوخشىمىغان دۆلەتتىن ماي پاراخوتى بىلەن سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئەكىلىۋاتىمىز. ئۇلارنى پونكىتلىرىمىزدا گازغا ئايلاندۇرۇپ، تۇرۇبا يولى ئارقىلىق گاز سودىسىنى — ئېكسپورتىنى باشلىدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ھازىردىن تارتىپلا تەبىئىي گاز سودىسىدىكى مۇھىم دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر