يېللېن: نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە پايدىسىز

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېن نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى — ئوپېك بىلەن ئوپېكقا ئەزا بولمىغان بىر قىسىم دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان ئوپېك+ گۇرۇپپىسىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى قىسقارتىش قارارى توغرىسىدا توختالدى.

1969723
يېللېن: نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە پايدىسىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېن نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى — ئوپېك بىلەن ئوپېكقا ئەزا بولمىغان بىر قىسىم دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان ئوپېك+ گۇرۇپپىسىنىڭ ماي ئېيىدىن باشلاپ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتىش قارارىنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يېللېن باياناتىدا، ئوپېك+ گۇرۇپپىسىنىڭ ماي ئېيىدىن باشلاپ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۈنىگە بىر مىليون ۋارىلدىن كۆپرەك قىسقارتىش قارارى توغرىسىدا توختالدى؛ ئۇ قارارغا «بەرپاچى ئەمەس» دەپ باھا بېرىپ: «ئېنىقىنى ئېيتقاندا، بۇ قارار يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە پايدىلىق ئەمەس؛ پۇل پاخاللىقى ئاللىقاچان يۇقىرى بولۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئېنىقسىزلىق ۋە يۈكنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ» دېدى.

ئۇ بۇ ھەرىكەتنىڭ نېفىت باھاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تېخى ئېنىق بىلمەيدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە توختىلىش ئۈچۈن يەنە بىر ئاز ۋاقىتقا ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتتى.

يېللېن نېفىت باھاسىنىڭ بۇلتۇرقى يۇقىرى نۇقتىدىن تۆۋەنلىشىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى چەكلەشكە ياردەم بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ يۈزلىنىشنى ئۆزگەرتىشنىڭ زىيانلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ رۇسىيە نېفىتىنىڭ ھەر ۋارىلىنىڭ 60 دوللار بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باھا چەكلىمىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش پىلانىنى باھا چېكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر