سۇدانى: تۈركىيە بىلەن ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك تۈرلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز

ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا سۇدانى تۈركىيە بىلەن پات يېقىندا ئورتاق يېڭى ئىستراتېگىيەلىك تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1969109
سۇدانى: تۈركىيە بىلەن ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك تۈرلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى سۇدانى ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا، تۈركىيە - ئىراق مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «بىزنىڭ قوشنا دۆلەت تۈركىيە بىلەن نۇرغۇن ھەمكارلىق ۋە مەنپەئەتلىرىمىز بار. سۇ ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە بەزى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ناھايىتى ياخشى پۇرسەتلىرىمۇ بار. بىز تۈركىيەنىڭ ئىراقنى سۇ ئۈلۈشىدىن بەھرىمەن قىلىش تىرىشچانلىقىدىن مىننەتدار» دېدى.

ئىراق باش مىنىستىرى باغدادنىڭ ئەنقەرە بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدىغان يېڭى ئىستراتېگىيەلىك تۈرلەر پات يېقىندا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئارقىلىق جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سۇدانى ئىراقنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىش مەيدانى بولۇشىغا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى، بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، چېگرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۈركىيە ۋە ئىران بىلەن بىرلەشمە كومىتېتلارنى قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر