تۈركىيە2022 – يىلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن % 5.6 تەرەققىي قىلدى
تۈركىيە 2022 – يىلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن % 5.6، 2022 - يىلىنىڭ ئاخىرقى پەسلىدە بولسا % 3.5 تەرەققىي قىلدى.
1952734
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى تۈركىيەنىڭ 2022 – يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن ھېسابلانغان مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە 2022 – يىلى ئىقتىسادىي جەھەتتىن % 5.6، 2022 - يىلىنىڭ ئاخىرقى پەسلىدە بولسا % 3.5 تەرەققىي قىلغان.
تۈركىيەنىڭ 2022 – يىلىدىكى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 107 ئېشىپ، 15 تىرىليون 6 مىليارد 574 مىليون لىراغا يەتكەن.
شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇدا 10 پەسىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.