تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار ئېيىدا %10.3 ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار ئېيىدا ئۆتكەن يىلنىڭ (2022) ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %10.3 ئېشىپ 19 مىليارد 369 مىليون دوللارغا يەتتى.

1951959
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار ئېيىدا %10.3 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بىلەن سودا مىنىستىرلىقى يانۋرا ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ۋاقىتلىق تاشقى سودا مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلدى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يانۋار ئېيىدىكى ئېكسپورت سوممىسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %10.3 ئېشىپ 19 مىليارد 369 مىليون دوللارغا يەتكەن. تاشقى سودا ھەجىمى %8.2 ئېشىپ 37 مىليارد 996 مىليون دوللارغا يەتكەن.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر