مىنىستىر مۇش: يانۋار ئېيىدىكى ئېكىسپورت ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتتى
تۈركىيە سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش تۈركىيەنىڭ يانۋار ئېيىدىكى ئېكسپورتىنىڭ ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 10.4 ئېشىپ، 19 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
1941282
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش، پايتەخت ئەنقەرەدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ يانۋار ئېيىدىكى ئېكسپورتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئېكسپورت ساھەمىزدە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئېيىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر بۇلتۇرقى سەۋىيەگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيەنىڭ يانۋار ئېيىدىكى ئېكسپورتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 10.4 ئېشىپ، 19 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتتى.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.