تۈركىيە شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىگە 13 مىليارد 148 مىليون دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلدى

تۈركىيەنىڭ 2022-يىلى شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قىلغان ئېكسپورتى 2021 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %5.1 ئېشىپ، 13 مىليارد 148 مىليون دوللارغا يەتتى.

1936570
تۈركىيە شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىگە 13 مىليارد 148 مىليون دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2022 - يىلى تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورتى 2021-يىلغا سېلىشتۇرغاندا %12.9 ئېشىپ، 254 مىليارد 210 مىليون دوللارغا يەتكەن.

2022 - يىلى ماراكەشكە 2 مىليارد 968 مىليون دوللارلىق، ئالجىرىيەگە 1 مىليارد 914 مىليون دوللارلىق، تۇنىسقا 1 مىليارد 505 مىليون دوللارلىق، لىۋىيەگە 2 مىليارد 408 مىليون دوللارلىق، مىسىرغا 3 مىليارد 928 مىليون دوللارلىق ۋە سۇدانغا 423 مىليون دوللارلىق مال ئېكىسپورت قىلغان بولۇپ، جەمئىي شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىگە 13 مىليارد دوللارلىق مال ئېكسپورت ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

ئالدىنقى ئايدا (2022-يىلى دېكابىر) بولسا، مىسىرغا 348 مىليون 900 مىڭ دوللارلىق، ماراكەشكە 212 مىليون 900 مىڭ دوللارلىق، ئالجىرىيەگە 183 مىليون دوللارلىق، لىۋىيەگە 212 مىليون 300 مىڭ دوللارلىق، سۇدانغا 47 مىليون 900 مىڭ دوللارلىق ئېكسپورت ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

2022-يىلى ئالجىرىيەگە %29.5 لىك ئېشىش بىلەن خىمىيەلىك مەھسۇلاتلار سانائىتى 330 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق ئەڭ يۇقىرى ئېكسپورت نىسبىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، پولات-تۆمۈر سانائىتى ماراكەشكە %21.1 لىك ئېشىش بىلەن 633 مىليون 400 مىڭ دوللارلىق ئېكسپورتنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

 خىمىيەلىك مەھسۇلاتلار سانائىتى مىسىرغا %23 لىك ئېشىش بىلەن 806 مىليون 200 مىڭ دوللارلىق، پولات-تۆمۈر سانائىتى تۇنىسقا %6.5 لىك ئېىشىش بىلەن 250 مىليون 400 مىڭ دوللارلىق، ئاشلىق ۋە دانلىق ئۆسۈملۈكلەر ساھەسى لىۋىيەگە %45.6 ئېشىش بىلەن 365 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق، سۇدانغا %110.7 ئېشىش بىلەن 126 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق ئېكسپورتنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر