تۈركىيەنىڭ يەل - يېمىش ئېكسپورتىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە قۇرۇتۇلغان مېۋە ۋە مەھسۇلاتلىرى ساھەسى 2022-يىلى 1 مىليارد 573 مىليون 464 مىڭ دوللار قىممىتىدە مەھسۇلات ئېكسپورت قىلدى.

1932408
تۈركىيەنىڭ  يەل - يېمىش ئېكسپورتىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئېكسپورتچىلىرى 2022-يىلى 153 دۆلەتكە 498 مىڭ 926 توننا قۇرۇق مېۋە ۋە مەھسۇلاتلىرىنى ساتقان.

2021-يىلى 1 مىليارد 568 مىليون 816 مىڭ دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلغان ساھە ئېكسپورتچىلىرى ، بۇلتۇر 1 مىليارد 573 مىليون 464 مىڭ دوللار كىرىم قىلغان.

ئەڭ كۆپ مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەر ئىچىدە گېرمانىيە 204 مىليون 379 مىڭ دوللار بىلەن بىرىنچى، ئەنگلىيە 154 مىليون 269 مىڭ دوللار بىلەن ئىككىنچى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 126 مىليون 178 مىڭ دوللار بىلەن ئۈچىنچى بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر