تۈركىيە 59 دۆلەتكە ھەسەل ئېكىسپورت قىلدى
تۈركىيەدىن بۇلتۇر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 59 دۆلەتكە 45 مىليون 984 مىڭ 609 دوللارلىق ھەسەل ئېكىسپورت قىلىندى.
1929360
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي قارادېڭىز ئېكىسپورتچىلار بىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيەدىن ئالدىنقى يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 59 دۆلەتكە ھەسەل ئېكىسپورت قىلىنغان، بۇنىڭدىن 45 مىليون 984 مىڭ 609 دوللارلىق كىرىم قولغا كىرگۈزۈلگەن.
ھەسەل ئېكىسپورت قىلىنغان دۆلەتلەر ئارىسىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىسپانىيە ۋە گېرمانىيە ئالدىنقى 3 رەتتە تۇرغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.