گېرمانىيە باش مىنىستىرى فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، ئېنېرگىيە باھاسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى ستېففېن ھېبېسترېيت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق كۆرۈشكەن. ئۇچرىشىشتا، ئىككى رەھبەر، ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجى ۋە ھازىرقى ئېنېرگىيە باھاسى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.
ياۋروپا مىقياسىدا قوللىنىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەردىن سىرت يەنە، ئېنېرگىيە ساھەسىدە فىرانسىيە – گېرمانىيە ھەمكارلىقى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا، شولز بىلەن ماكرون، پىلان بويىچە قەدەم تاشلاش ۋە تەدبىر قوللىنىش توغرۇلۇق ئۆزئارا مەلۇمات ئالماشتۇرغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.