روسنېفت رۇسىيەدە چوڭ نېفىتلىك بايقانغانلىقىنى ئۇقتۇردى

رۇسىيە ئېنېرگىيە ماگناتى روسنېفت (Rosneft) دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى پېچورا دېڭىزىنىڭ مېدىنسكو-ۋاراندىسكىي رايونىدا تەخمىنەن 82 مىليون توننا نېفىت بار چوڭ نېفىتلىكنى بايقىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1851669
روسنېفت رۇسىيەدە چوڭ نېفىتلىك بايقانغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: روسنېفت تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «سىناقلار جەريانىدا كۈنىگە ئەڭ يۇقىرى ئېقىش سۈرئىتى 220 كۇب مېتىر بولغان نېفىت ئېقىمى تېپىلدى.»

باياناتتا، پېچورا دېڭىزىدا نېفىتلىك بايقىلىشىنىڭ رايوندىكى مۇھىم نېفىت يوشۇرۇن كۈچىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىگە ئاساس سالغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر