تۈركىيەدە تەتىل ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغان رۇسىيەلىكلەرنىڭ سانى پەۋقۇلئاددە ئاشتى

رۇسىيە ساياھەت سودا جەمئىيىتى (ATOR) تۈركىيەدە تەتىل ئۆتكۈزۈشكە بولغان تەلەبنىڭ تەمىنلەش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1844322
تۈركىيەدە تەتىل ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغان رۇسىيەلىكلەرنىڭ سانى پەۋقۇلئاددە ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ساياھەت سودا جەمئىيىتى (ATOR) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ساياھەت تەشكىللىگۈچى  شىركەتلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان تۈركىيەگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساياھەت پىلانىدا تەلەپنىڭ كۆپلىكىدىن قېيىچىلقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا پايتەخت موسكۋادىن ئانتالياغا كەلگۈسى 2-3 كۈن ئىچىدە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلاردا ئورۇن تاپقىلى بولمايۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، «ئاۋىئاتسىيەنىڭ چەكلىك بولۇشى سەۋەبىدىن تەلەپ قامداش ئىقتىدارىمىزدىن ئېشىپ كەتتى. ئەگە دېڭىزى ساياھىىتىگە بولغان  تەلەپنى قامداش تېخىمۇ قېيىن بولۇپ قالدى» دېيىلدى.

باياناتتا، ئىيۇل ۋە ئاۋغۇست ئايلىرىدىكى تەتىل ساياھەتلىرىگە قارىتا ۋەزىيەتنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ئاۋىئاتسىيە تىرانسپورتىدىمۇ ياخشىلاش ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر