8 دۆلەت سېلىنما مۇنبىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدۇ

تەرەققىي قىلىۋاتقان سەككىز دۆلەت (D-8) ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەتە ئىستانبۇلدا «D-8 مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى» يىغىنى ئېچىلىدۇ.

1843850
8 دۆلەت سېلىنما مۇنبىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، بېنگال، ھىندونېزىيە، ئىران، مالايشىيا، مىسىر، نىگېرىيە ۋە پاكىستاندىن تەركىب تاپقان تەرەققىي قىلىۋاتقان سەككىز دۆلەت (D-8) ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەتە ئىستانبۇلدا «D-8 مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى» يىغىنى ئېچىلىدۇ.

تۈركىيە سودا ئۇيۇشمىلىرى ۋە پاي چېكى بازارلىرى بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان سەككىز دۆلەت مەبلەغ سېلىش مۇنبىرىنىڭ D-8 كاتىبات باشقارمىسى بىلەن ۋە تۈركىيە سودا ئۇيۇشمىلىرى ۋە پاي چېكى بازارلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا ئەتە ئەتىگەن سائەت 11:00 دە باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىنى سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش ۋە تۈركىيە سودا ئۇيۇشمىلىرى ۋە پاي چېكى بازارلىرى بىرلەشمىسى رەئىسى رىفات ھىسارجىكلىئوغلۇ بىلەن نىگېرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زۇبەيرۇ دادا، پاكىستان فېدېراتىپ مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى مىنىستىرى چاۋدرى سالىك ھۈسەيىنۋە D-8 باش كاتىپى ئىسھاق ئابدۇلقادىر ئىمام سۆزلەيدىكەن.

يىغىنغا D-8 غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرى ۋە مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر