42 دۆلەتكە ھەسەل ئېكسپورت قىلىندى

شەرقىي ئاقدېڭىز ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسى بۇ يىلنىڭ (2022) دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا 42 دۆلەتكە ھەسەل ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1812944
42 دۆلەتكە ھەسەل ئېكسپورت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي ئاقدېڭىز ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدىن 2022-يىلى يانۋار ئېيىدىن مارت ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە 42 دۆلەتكە 4 مىڭ 421 توننا ھەسەل سېتىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 11 مىليون 302 مىڭ 715 دوللار كىرىم قىلىنغان.

تۈركىيەنىڭ بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدىكى ھەسەل ئېكسپورتى، 1 مىڭ 686 توننىغا يېتىپ 6 مىليون 327 مىڭ 811 دوللار كىرىم قىلىنغان 2021-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا، مىقداردا %162، قىممەتتە %79 ئاشقان.

ھەسەل ئېكسپورتىدا، ئامېرىكا 3 مىليون 154 مىڭ 930 دوللار بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، گېرمانىيە 1 مىليون 792 مىڭ 468 دوللار بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا، ئىسپانىيە 1 مىليون 751 مىڭ 938 دوللار بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا، ئىسىرائىلىيە 1 مىليون 351 مىڭ 171 دوللار بىلەن تۆتىنچى ۋە پولشا 379 مىڭ 205 دوللار بىلەن بەشىنچى ئورۇندا تۇرغان.

تۈركىيە بۇ مەزگىلدە ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە ھەسەل ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەردىن باشقا، ئىسىرائىلىيە، پولشا، كانادا، سىلوۋېنىيە، سىلوۋاكىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، كوسوۋۇ، كانادا، يەمەن، ئىراق، شىۋېيتسارىيە، ماۋرىتانىيە، باڭلادىش قاتارلىق دۆلەتلەرگە ھەسەل ئېكسپورت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر