تۈركىيەنىڭ مېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورتى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ مېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورتى 2022-يىلى بىرىنچى پەسىلدە 762 مىليون 663 مىڭ دوللارغا يەتتى.

1811143
تۈركىيەنىڭ مېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورتى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقدېڭىز ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ ساھەنىڭ ئېكسپورتچىلىرى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە 762 مىليون 663 مىڭ دوللارلىق مېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورت قىلغان.

بۇ مەزگىلدە، ئالدىنقى يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىگە سېلىشتۇرغاندا ، سىترىس مېۋىسى ئېكسپورتى % 5 ئېشىپ، 313 مىليون 682 دوللارغا، كۆكتات% 1 ئېشىپ، 301 مىليون 161 دوللارغا يەتكەن.  مېۋە ئېكسپورتى % 16 تۆۋەنلەپ، 142 مىليون 264 مىڭ دوللار بولغان.

ئېكسپورتنىڭ قالغان قىسمى چايدىن تەركىب تاپقان.

بىرىنچى پەسىلدە، 792 مىڭ 236 توننا سىترىس مېۋىسى، 517 مىڭ 248 توننا كۆكتات ۋە 275 مىڭ 252 توننا مېۋە ئېكسپورت قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر