رۇسلار ۋە ئۇكرائىنالىقلارنىڭ تۈركىيەدىن ئۆي - مۈلۈك ئىزدەش قىزغىنلىقى ئۆرلىگەن
رۇسلار ۋە ئۇكرائىنالىقلارنىڭ تۈركىيەدىن تۇرالغۇ سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تور مۇھىتىدا ئۆي - مۈلۈك سېتىش سۇپىسى — ئەملاكجېت (Emlakjet)، مەلۇمات ئامبىرىدىكى ئايلىق 15 مىليونغا يەتكەن زىيارەتچى ھەرىكەتلىرىنى چۆرىدەپ، رۇس ۋە ئۇكرائىنالىقلارنىڭ تۈركىيەدىن سېتىشقا چىقىرىلغان ئۆي – مۈلۈكلەرنى ئىزدەش قىزغىنلىقىنى تەكشۈردى.
ئەملاكجېت ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2 – ئايدا رۇسلارنىڭ تۈركىيەدىن سېتىلىدىغان ئۆي – ماكان ئىزدەش نىسبىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %51؛ ئۇكرائىنالىقلارنىڭ %63 ئاشقان.
ئۆي – مۈلۈك ئىزدەش جەھەتتە ئانتاليا ھەم رۇسلار ھەمدە ئۇكرائىنالىقلارنىڭ بىرىنچى تاللىشى بولغان، ئۇنىڭدىن قالسا، رۇسلار ئەڭ كۆپ تۇرالغۇ ئىزدىگەن ۋىلايەتلەر تەرتىپى بويىچە ئىستانبۇل، ئىزمىر، ئەنقەرە ۋە بۇرسا؛ ئۇكرائىنالىقلار ئەڭ كۆپ تۇرالغۇ ئىزدىگەن ۋىلايەتلەر ئىستانبۇل، مەرسىن، ئەنقەرە ۋە ئىزمىر بولغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.