تۈركىيەنىڭ ساياھەتچىلىك كىرىمى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ساياھەتچىلىك كىرىمى 2021-يىلى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرۇلغاندا %103 ئېشىپ 24 مىليارد 482 مىليون 332 مىڭ دوللارغا يەتتى.

1771019
تۈركىيەنىڭ ساياھەتچىلىك كىرىمى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2021-يىلنىڭ تۆتىنچى چارىكىگە ۋە پۈتكۈل يىلغا مۇناسىۋەتلىك ساياھەتچىلىك ئىستاتىستىكا رەقەملىرىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ساياھەتچىلىك كىرىمى 2021-يىلى ئالدىنقى يىل (2020) غا سېلىشتۇرۇلغاندا %103 ئېشىپ 24 مىليارد 482 مىليون 332 مىڭ دوللارغا يەتكەن.

ئۆتكەن يىل (2021) قى كىرىمنىڭ 19 مىليارد 679 مىليون 915 مىڭ دوللىرىنى خۇسۇسىي خىراجەتلەر، 4 مىليارد 802 مىليون 417 مىڭ دوللىرىنى پىروگراممىلىق ساياھەت خىراجەتلىرى تەشكىل قىلىدۇ.

بۇ مەزگىلدە كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە كېچىلىك خىراجەت 66 دوللار، چەت ئەللىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كېچىلىك خىراجىتى 73 دوللار، چەت ئەللەردە ياشايدىغان پۇقرالارنىڭ ئوتتۇرىچە كېچىلىك خىراجىتى 50 دوللار بولغان.

تۈركىيە چېگراسىدىن چىققان ساياھەتچىلەر سانى 2021-يىلدا ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرۇلغاندا %85.5 ئېشىپ 29 مىليون 357 مىڭ 463 كىشىگە يەتكەن.

بۇلارنىڭ %85 نى (23 مىليون 940 مىڭ 21 كىشى) چەت ئەللىكلەر، %18.5 نى (5 مىليون 417 مىڭ 442 كىشى) چەت ئەللەردە ياشايدىغان كىشىلەر تەشكىل قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر