«ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش مۇساپىسىدە ھەر 10 دوللارنىڭ 8 ى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە سەرپ قىلىندى»

يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش مۇساپىسىدە ھەر 10 دوللاردىن 8 ىنىڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە سەرپ قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1764126
«ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش مۇساپىسىدە ھەر 10 دوللارنىڭ 8 ى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە سەرپ قىلىندى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ «2022 – يىللىق داۋوس كۈنتەرتىپى» تېمىلىق يىغىنىغا تېلېۋىزىيە تېلېگراممىسى يوللىغان ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قارىغاندا «<نومۇس قىلارلىق دەرىجىدە> 7 ھەسسە يۇقىرى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان گۇتېررېس، دورا شىركەتلىرىنى ۋاكسىنا ئىجازەتنامىسىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئورتاقلىشىشقا چاقىردى.

ئۇ، يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ ئاجىز ۋە تۇراقسىزلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش مۇساپىسىدە ھەر 10 دوللارنىڭ 8 ىنىڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە سەرپ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۆۋەن كىرىملىك ​​ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىنىڭ ئىنتايىن ئاستىلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن گۇتېررېس، بۇ دۆلەتلەرگە قارىتا قەرزنى قايتىدىن تەڭشەش چاقىرىقىنى تەكرارلىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر