تۈركىيىەدە چەت ئەللىكلەرگە تۇرالغۇ سېتىلىش مىقدارى ئاشتى

تۈركىيىەدە چەت ئەللىكلەرگە ئۆي سېتىلىش مىقدارى نويابىر ئېيى (2021) دا ئالدىنقى يىل (2020) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %48.4 ئېشىپ، 7363 كە يەتتى.

1747239
تۈركىيىەدە چەت ئەللىكلەرگە تۇرالغۇ سېتىلىش مىقدارى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىنستىتۇتى ئۆكتەبىر ئېيىدىكى ئۆي سېتىش ئىستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، نويابىردا تۈركىيەدە جەمئىي 178 مىڭ 814 ئۆي سېتىلغان. بۇ مەزگىلدە چەت ئەللىكلەر 7 مىڭ 363 ئۆي سېتىۋالغان. نويابىردا چەت ئەللىكلەرگە تۇرالغۇ سېتىلىش مىقدارى %48.4 ئاشقان.

ئۆي سېتىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ چەت ئەللىكلەرگە سېتىلغان نىسبىتى %4.1 نى تەشكىل قىلغان.

چەت ئەللىكلەرگە ئۆي سېتىش جەھەتتە، ئىستانبۇل نويابىردا 2 مىڭ 922 ئۆي بىلەن بىرىنچى بولغان.  ئىستابۇلدىن قالسىلا 1917 ئۆي سېتىش بىلەن ئانتاليا  ئىككىنچى ۋە 428 ئۆي سېتىش بىلەن ئەنقەرە ئۈچىنچى بولغان.

دېكابىردىن نويابىرغىچە، چەت ئەللىكلەرگە ئۆي سېتىش مىقدارى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %39.4 ئېشىپ، 50 مىڭ 735 كە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر