مالىيە مىنىستىرلىقى، مالىيە ھەرىكىتى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تۈركىيە قارارىغا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى، مالىيە ھەرىكىتى خىزمەت گۇرۇپپىسى — FATF نىڭ كە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىگە قارىتا ئىپادە بىلدۈردى.

1723341
مالىيە مىنىستىرلىقى، مالىيە ھەرىكىتى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تۈركىيە قارارىغا ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى، مالىيە ھەرىكىتى خىزمەت گۇرۇپپىسى — FATF نىڭ <كۈلرەڭ تىزىملىك>كە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشىگە ئىپادە بىلدۈرۈپ: «ماسلىشىش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلارغا قارىماي، دۆلىتىمىزنىڭ كۈلرەڭ تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشى ناھەقچىلىكتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا،  مالىيە ھەرىكىتى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ جىنايى قىلمىش كىرىملىرىنىڭ يۇيۇلۇشى، تېررورلۇق ۋە كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى كېڭەيتىش قاتارلىقلارنىڭ مالىيە مەنبەسىنى قۇرۇتۇش كۈرىشىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملىرىنى بەلگىلەيدىغان ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئۆلچەمگە ئەمەل قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىنى نازارەت قىلىدىغان بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ 1991- يىلىدىن بۇيان مالىيە ھەرىكىتى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 39 ئەزاسىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ۋە خەلقئارا ئۆلچەمگە ئاساسەن چىقىرىلغان بەلگىلىمىلەر دائىرىسىدە زۆرۈر قەدەملەرنى تاشلىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇساپىدە مالىيە ھەرىكىتى خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە بارلىق ئالاقىدار ئورگانلار بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا زۆرۈر قەدەملەر داۋاملىق تاشلىنىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ناھەق كىرگۈزۈلگەن بۇ تىزىملىكتىن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆچۈرۈلۈشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر