2021-يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى تارقىتىلدى
ئىقتىسادشۇناس داۋىد كارد (David Card)، جوشۇا د.ئانگرىست (Joshua D. Angrist) ۋە گۇايدو ۋ. ئىمبېنس (Guido W. Imbens) 2021-يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا، كانادالىق ئىقتىسادشۇناس داۋىد كارد، جوشۇا د.ئانگرىست ۋە گۇايدو ۋ. ئىمبېنسنىڭ ئىقتىسادقا قوشقان تۆھپىلىرى سەۋەبىدىن 2021-يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ئېلان قىلىندى.
ئۈچ ئىقتىسادشۇناسنىڭ تەتقىقاتلىرىنىڭ، ئەمگەك كۈچى بازىرىغا بولغان يېڭى چۈشەنچىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى، سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى جەھەتتىن تەبىئىي تەجرىبىلەردىن قانداق يەكۈن چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى؛ ئۇلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ باشقا ساھەلەرگىمۇ كېڭىيىپ، تەجرىبە تەتقىقاتىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئالتۇن مېدالدىن باشقا يەنە، 1 مىليون 100 مىڭ دوللار بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.