تۈركىيە 40 دۆلەتكە ھەسەل ئېكسپورت قىلدى

تۈركىيە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدا 40 دۆلەتكە 9.5 مىليون دوللارلىق ھەسەل ئېكسپورت قىلدى.

1646066
تۈركىيە 40 دۆلەتكە ھەسەل ئېكسپورت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي قارادېڭىز ئېكسپورتچىلار بىرلىكىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، يانۋار – ئاپرېل ئايلىرىدىكى ھەسەل ئېكسپورتى، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 24 ئېشىپ، 2 مىڭ 502 توننىغا يەتكەن.

ھەسەل ئەڭ  كۆپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كۇۋەيت، بېلگىيە، قاتار، ئىسپانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنغان.

بۇ مەزگىلدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا 2 مىليون 825 مىڭ 250 دوللارلىق 707 توننا، گېرمانىيەگە 2 مىليون 802 مىڭ 956 دوللارلىق، كۇۋەيتكە 412 مىڭ 530 دوللارلىق ھەسەل ئېكسپورت قىلىنغان.

بۇ يىل ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن پەرقلىق ھالدا بېلگىيە، بۇلغارىيە، خوڭكوڭ، ئىتالىيە، ماراكەش، دۇبەي، سىلوۋاكىيە، پولشا، پاكىستان، ئافغانىستان، كېنىيە، ئىستىراتېگىيە ۋە رۇمىنىيەگىمۇ ھەسەل ئېكسپورت قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر