ياپونىيە تەرەققىيات ياردەملىرىنى توختىتىشى مۇمكىن

ياپونىيە فېۋرال ئېيىدا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ھاكىمىيەت تارتىۋېلىنغان ۋە ھەربىي ھۆكۈمەت باشقۇرۇۋاتقان بىرماغا بېرىۋاتقان  تەرەققىيات ياردەملىرىنى توختىتىش ئېھتىماللىقلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

1643786
ياپونىيە تەرەققىيات ياردەملىرىنى توختىتىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى موتېگى توشىمىتسۇ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىرما خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بىرمانىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرمادا ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ياخشىلانمىغان تەقدىردە، بىرماغا بېرىۋاتقان تەرەققىيات ياردەملىرىنى توختىدىغانلىقلىرىنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىرمانىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ياپونىيە دۆلەتلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە ئورگىنى NHK نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ئىلگىرى يېڭى تەرەققىيات ياردەم كېلىشىمىگە ئىمزا قويماسلىقنى قارار قىلغان بولۇپ، تەستىقلانغان كەڭ دائىرىلىك ياردەملەر ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر