كېلوسى 10 مىڭ ياۋرولۇق (يەنى 96 مىڭ لىرالىق) ھەسەل تېتىپ باقتىڭىزمۇ؟

تۈركىيەدە تېپىلىدىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت ھەسەل، جىننېس دۇنيا رېكورلىرى كىتابىغا كىرگۈزۈلدى.

1610196
كېلوسى 10 مىڭ ياۋرولۇق (يەنى 96 مىڭ لىرالىق) ھەسەل تېتىپ باقتىڭىزمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە ھەسەل ھەرىسى رايونلىرىدىن يېراقتا ۋە دېڭىز يۈزىدىن 2 مىڭ 500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى غارلاردىن توپلىنىدىغان كۆممىقوناق گۈلى ھەسىلى، 1 كېلوسى 10 مىڭ ياۋرو (يەنى 96 مىڭ لىرا) غا سېتىلىشى بىلەن دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت ھەسەل بولۇپ باھالاندى ۋە جىننېس دۇنيا رېكورلىرى كىتابىغا كىرگۈزۈلدى.  

جىننېس دۇنيا رېكورتىنىڭ رەسمىي ئورگان تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 16-مارتتا  كۆممىقوناق گۈلى ھەسىلى، دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت ھەسەل بولۇش سۈپىتى بىلەن جىننېس دۇنيا رېكورلىرى كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن.

بۇ رېكورتنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىدە، رەسمىي باھالىغۇچىلار ھەيئىتىنىڭ ھەسەلنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى بېكىتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھەسەلنىڭ ئەنئەنىۋى ھەسەللەردىن ئىنتايىن پەرقلىق ئىكەنلىكى، رەڭگى قويۇق ۋە تەمى ئاچچىق ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھەسەلنىڭ ماگنىي، كالىي، فېنول، فلاۋونوئىد ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار نۇقتىسىدىن يۇقىرى تىببىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەڭ ياخشى سۈپەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، ھەسەل ھەرىلىرىنى بېقىشتا ئەنئەنىۋى ئۇسۇللاردىن پەرقلىق ئۇسۇللار ئىشلىتىلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ھەر يىلى 2-3 قېتىم ھەسەل يىغىدىغان باشقا سودا ھەسەل ھەرىسى باققۇچىلارنىڭ ئەكسىچە، كۆممىقوناق گۈلى ھەسىلىنى يىلدا ئاران بىر قېتىم يىغىشقا بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھەسەلنىڭ قىممىتى ۋە سۈپىتىنى جەملەشتۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيە ئىلىم-پەن كېڭىشى يېمەكلىك ئىنستىتۇتىغا يوللانغان ئەۋرىشكىلەر ئارقىلىق، پەقەت ئەڭ سۈپەتلىك قىسمى توپلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر