تۈركىيەنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 1 مىليون 500 مىڭ ۋارىل ئاشتى

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز 2020-يىلى تۈركىيەنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئالدىنقى يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 1 مىليون 500 مىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ، 22 مىليون ۋارىلدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

1574936
تۈركىيەنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 1 مىليون 500 مىڭ ۋارىل ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، بۇلتۇر ھەر قايسى ئېنېرگىيە ساھەلىرىدە تاشلانغان قەدەملەر سايىسىدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش تېزلىتىلگەنلىكىنى شۇنداقلا تۈركىيەنى ئېنېرگىيە ۋە تېخنىكا ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

فاتىھ دۆنمەز يەنە، 2019- ۋە 2020-يىلدىكى خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ھەمبەھىرلەپ، 2019-يىلى 14 مىليون 664 مىڭ ۋارىل دۆلەتكە ۋە 6 مىليون 85 مىڭ ۋارىل خۇسۇسىي تارماقلارغا تەۋە بولغان شەكىلدە، جەمئىي 20 مىليون 750 مىڭ ۋارىل خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فاتىھ دۆنمەز 2020-يىلىغا كەلگەندە بولسا، 16 مىليون 613 مىڭ ۋارىل خام نېفىت دۆلەتكە ۋە 5 مىليون 656 مىڭ ۋارىل خۇسۇسىي تارماقلارغا تەۋە بولغان شەكىلدە، جەمئىي  22 مىليون 269 مىڭ ۋارىل خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىپ، يىللىق ئېشىشنىڭ 1 مىليون 500 مىڭ ۋارىلغا  يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر