تۈركىيەدىن خىتايغا بور ئېلىپ ماڭغان ئېكسپورت پويىزى گرۇزىيەگە ئۆتتى

تۈركىيەدىن خىتايغا بور ئېلىپ ماڭغان ئېكسپورت پويىزى قارستىن گرۇزىيەگە ئۆتتى.

1574340
تۈركىيەدىن خىتايغا بور ئېلىپ ماڭغان ئېكسپورت پويىزى گرۇزىيەگە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدىن مۇراسىم بىلەن يولغا سېلىنغان ۋە خىتايغا بور ئېلىپ ماڭغان 45232-نومۇرلۇق ئېكسپورت پويىزى ئەنقەرە، قەيسەرى، سىۋاس ئەرزۇرۇم ۋە سارىقامىش ۋىلايىتى لىنىيەسىنى بويلاپ قارس پويىز ئىستانسىسىغا يېتىپ باردى.

قارس پويىز ئىستانسىسىدىكى رەسمىيەتلەر تاماملانغاندىن كېيىن، 45232-نومۇرلۇق ئېكسپورت پويىزى گرۇزىيەنىڭ ئاھىلكەلەك شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى.

«Eti» كان مەھسۇلاتلىرى شىركىتى تەرىپىدىن خىتايغا ئېكىسپورت قىلىنغان 42 كونتېينېر بور خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىگە يەتكۈزۈلىدۇ.

بور قاچىلانغان پويىزنىڭ دۆلەت ئىچى سەپىرى ئەنقەرە-سىۋاس-قارس لىنىيەسىدىن ئۆتىدۇ، دۆلەتلەر ئارا سەپىرى گرۇزىيە-ئەزەربەيجان-كاسپىي (ھازار) دېڭىزىدىن ئۆتۈپ خىتايدا ئاخىرلىشىدۇ.

بورنىڭ خىتاي سەپىرى جەمئىي 12 كۈن داۋاملىشىدۇ.سەپەر جەريانىدا 2 قىتئە، 2 دېڭىزدىن شۇنداقلا 5 دۆلەتتىن كېسىپ ئۆتىدۇ.

پويىز تۈركىيەدە 2323 كىلومېتىر، گرۇزىيەدە 220 كىلومېتىر، ئەزەربەيجاندا 430 كىلومېتىر، كاسپىي (ھازار) دېڭىزىدا 420 كىلومېتىر، قازاقىستاندا 3200 كىلومېتىر ۋە خىتايدا 2100 كىلومېتىر  بولۇپ، جەمئىي 8693 كىلومېتىر يول يۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر