تۈركىيەنىڭ خىتايغا قۇرۇتۇلغان مېۋە ئېكسپورتى %21 ئاشتى
تۈركىيەنىڭ خىتايغا قۇرۇتۇلغان مېۋە ئېكسپورتى %21 ئېشىپ، 28 مىليون دوللارغا يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەگە قۇرۇتۇلغان مېۋە مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بىرول جەلەپ ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، قۇرۇتۇلغان مېۋە-چېۋە ساھەسىنىڭ 2019-يىللىق ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 1 مىليارد 400 مىليون دوللاردىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرول جەلەپ ئۆتكەن يىلىمۇ تەخمىنەن 1 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق قۇرۇتۇلغان مېۋە ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يېمەكلىككە بولغان تەلەپلەرنىڭ تەدرىجىي ئېشىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ يىراق شەرققە قارىتا تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
بىرول جەلەپ خىتايغا 2020-يىللىق قۇرۇتۇلغان مېۋە ئېكسپورتىنىڭ %21 ئاشقانلىقىنى ۋە ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 28 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.