پەكجان: 2020 – يىلى ئېكسپورتتا رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى

سودا ئىشلىرى مىنىستىرى رۇھسار پەكجان 2020 – يىلىنى ئېكسپورتتا تارىخىي رېكورت سەۋىيەدە تاماملىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1557850
پەكجان: 2020 – يىلى ئېكسپورتتا رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەكجان، «2020 – يىللىق تاشقى سودىغا نەزەر يىغىنى» دا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ 2020 – يىلى دېكابىردىكى ئېكسپورتىنىڭ ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 16 ئېشىپ، 17 مىليارد 844 مىليون دولارغا يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ بارلىق زامانلارنىڭ ئەڭ  يۈكسەك ئېكسپورت سەۋىيەسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «2020 – يىلىنى 169.5 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت بىلەن تاماملىدۇق. بۇ، ئېكسپورتچىلىرىمىز ۋە تۈركىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2020 – يىلىنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە 51.2 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن، بۇ ،رېكورت بۇزۇپ تاشلانغان ئەڭ يۈكسەك  سەۋىيەدىكى ئېكسپورت چارىكى بولۇپ قالدى.»

ئۇ يەنە، ئېكسپورتنىڭ  ئىمپورتنى كۈتۈۋېلىش نىسبىتىنىڭ % 77.3 ئىكەنلىكىنى، ئالتۇننى ھېسابقا ئالمىغاندا % 85.8 سۈپىتىدە ئىشقا ئاشقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر