نەۋشەھىردە نويابىر ئېيىدىمۇ ساياھەتچىلەر كەم بولمىدى

نويابىر ئېيى (2020) دا نەۋشەھىردىكى پەرى تۇرخۇنلىرى، تەبىئىي قىيالىقلار، قىيالىقلارغا ياسالغان تارىخىي چېركاۋ، يەر ئاستى شەھەرلىرى ۋە دۇنياغا داڭلىق كاپادوكيا رايونىدىكى مۇزېيلارنى 87 مىڭ 700 ساياھەتچى زىيارەت قىلدى.

1541642
نەۋشەھىردە نويابىر ئېيىدىمۇ ساياھەتچىلەر كەم بولمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكو (UNESCO) نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىدىكى تارىخىي، مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي گۈزۈللىكلىرىدىن باشقا گاز شارى ساياھىتى قاتارلىق ئوخشىمىغان ساياھەت پائالىيەتلىرى بىلەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان رايوندا، يەرلىك ۋە چەت ئەللىك بولۇپ مىڭلارچە زىيارەتچى كۈتۈۋېلىندى.

نەۋشىھىر مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، رايوندىكى مۇزېيى ۋە ساياھەت نۇقتىلىرىغا 87 مىڭ 700 ساياھەتچى كەلگەن بولۇپ، زەلۋە ئۆرەننى 25 مىڭ 745 ۋە گۆرەمە ئۈستى ئوچۇق مۇزېيىنى 23 مىڭ 709، كايماكلى يەر ئاستى شەھىرىنى 12 مىڭ 775 كىشى زىيارەت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر