خىتايغا قاراپ يولغا چىققان ئېكسپورت پويىزى ئەنقەرەدىن ئۆتتى

تۈركىيەدىن خىتايغا ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى توشۇغان ۋە 8 مىڭ 693 كىلومېتىر يول باسىدىغان تۇنجى ئېكسپورت پويىزى پايتەخت ئەنقەرەدىن ئۆتتى.

1540649
خىتايغا قاراپ يولغا چىققان ئېكسپورت پويىزى ئەنقەرەدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۆمۈر يىپەك يولى دەپ ئاتالغان، ئاسىيا-ياۋروپا قىتئەلىرى ئوتتۇرىسىدا قىسقا، بىخەتەر، ئەرزان ۋە قوللىنىشچان تۆمۈر يولى كارىدورى بولغان تۆمۈر يىپەك يولى ئوتتۇرا كارىدورى، تۈركىيەدىن خىتايغا تۇنجى ئېكسپورت پويىزىنى يەتكۈزۈشكە تەييارلاندى.

تۈركىيە چېگراسى ئىچىدە 2 مىڭ 323 كىلومېتىرلىق يولنى 8-دېكابىر (2020) كەچتە ئاخىرلاشتۇرۇپ، كارسقا يېتىپ بارىدىغان پويىز، باكۇ-تىبلىس-كارس تۆمۈر يولى لىنيەسى ئارقىلىق خىتايغا قاراپ يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئېكسپورت پويىزى تۈركىيەدىن كېيىن، گىرۇزىيە-ئەزەربەيجان-ھازار دېڭىز ئۆتىڭى-قازاقىستاننى بېسىپ ئۆتۈپ، خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە توختايدۇ. ئۇزۇنلۇقى 754 مېتىر بولغان پويىز، 42 ۋاگوندىكى ماللار بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

پويىزدا تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان1 مىڭ 400 سوۋۇتقۇچى بار بولۇپ، خىتايغا تەخمىنەن 12 كۈندە يېتىپ بېرىشى كۈتۈلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر