ئىستانبۇل ئايرودورۇمى ياۋروپا بويىچە ئۇچۇش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ ئايرودورۇم بولدى

ئىستانبۇل ئايرودورۇمى 28 - نويابىردىن 4 - دېكابىرغىچە ياۋروپا بويىچە ئۇچۇش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ ئايرودورۇم بولدى.

1540377
ئىستانبۇل ئايرودورۇمى ياۋروپا بويىچە ئۇچۇش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ ئايرودورۇم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ھاۋا يوللىرى بىخەتەرلىك تەشكىلاتى (EUROCONTROL) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىستانبۇل ئايرودورۇمىدىن 1- دىكابىر 423 نۆۋەتچى ئايروپىلان، 2 - دېكابىردا 498 نۆۋەتچى ئايروپىلان، 3 - دېكابىردا 483 نۆۋەتچى ئايروپىلان، 4 - دېكابىردا 570 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچقان.

ئىستانبۇل ئايرودورۇمى يەنە، 28 - نويابىردا 471 قېتىم، 29 - نويابىردا 542 قېتىم، 30 - نويابىردا 496 قېتىم ۋە   4 -  دېكابىرغىچە بىر ھەپتىدە ياۋروپا بويىچە ئۇچۇش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ ئايرودورۇم بولۇپ باھالانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر