تۈركىيەنىڭ ھەسەل ئېكسپورتى ئاشتى

تۈركىيە بۇ يىل 9 ئاي ئىچىدە 45 دۆلەتكە 18 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ھەسەل ئېكسپورت قىلدى.

1510412
تۈركىيەنىڭ ھەسەل ئېكسپورتى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي قارادېڭىز ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2020-يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، 4000 مىڭ توننا ھەسەل ئېكسپورت قىلىنغان. بۇ ئېكسپورتتىن 18 مىليون 196 مىڭ 233 دوللار  كىرىم قولغا كەلتۈرۈلگەن.

ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىمۇ، 3 مىليون 556 توننا ھەسەل ئېكسپورتىدىن 15 مىليون 672 مىڭ 422 دوللار كىرىم قىلىنغانىدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ھەسەل ئېكسپورتى، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 15، قىممىتى% 16 ئاشقان.

گېرمانىيە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئەڭ كۆپ ھەسەل ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەتلەر بولغان.

ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە ئېكسپورت قىلىنمىغان پولشا، يەمەن، باڭلادېش، ۋېنگىرىيە، جىبۇتى، دانىيە، فىلىپپىن، شىۋېتسارىيە، پاناما، كاپ ۋېردې، جەنۇبىي كورېيە جۇمھۇرىيىتى ۋە گىۋىنىيەمۇ تۈركىيەدىن ھەسەل سېتىۋالغان 45 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر