ئالبايراق: تۈركىيە يۇقۇمنىڭ ئەڭ ئاز زىيىنىغا ئۇچرايدىغان ئۈچىنچى دۆلەت

مالىيە ۋە خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ئالبايراق، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىچە، يۇقۇمنىڭ ئەڭ ئاز تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1493636
ئالبايراق: تۈركىيە يۇقۇمنىڭ ئەڭ ئاز زىيىنىغا ئۇچرايدىغان ئۈچىنچى دۆلەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەرات ئالبايراق تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاي ۋە جەنۇبىي كورېيەدىن قالسا، يۇقۇمنىڭ ئەڭ ئاز تەسىرىگە ئۇچرايدىغان ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، «كۈچلۈك ئىقتىسادىمىز سايىسىدا بۇ مۆلچەرمۇ تېخىمۇ ياخشى مۆلچەرلەر بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرىدۇ. بۇ كۈرەشتە بارلىق سەھىيە خادىملىرىمىزغا ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىن ۋاز كەچمىگەن خىزمەتچىلىرىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر