ئالبايراق: پەۋقۇلئاددە بىر مەزگىلدە پەۋقۇلئاددە تەدبىرلەرنى يولغا قويدۇق

مالىيە ۋە خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، «خامچوتىمىز ئاۋغۇست ئېيىدا 28 مىليارد 200 مىليون لىرا ئېشىپ قالدى» دېدى.

1491760
ئالبايراق: پەۋقۇلئاددە بىر مەزگىلدە پەۋقۇلئاددە تەدبىرلەرنى يولغا قويدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئالبايراق ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ئادرېسىدا 8 - ئايلىق خامچوتقا دائىر ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.

ئالبايراق پەۋقۇلئاددە بىر مەزگىلدە پەۋقۇلئاددە تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تارقىلىشچان زۇكامدىن كېيىنكى نورماللىشىشقا ئەگىشىپ، خامچوت تەڭپۇڭلۇقىمىز ئالدىنقى ئايلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى ھالەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاۋغۇستتا 28 مىليارد 200 مىليون لىرا ئېشىپ قالدى. خامچوت ئىنتىزامىنى ساقلاشقا بولسىمۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىشتىن يالتايمايمىز » دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر