ئەنگلىيە گېزىتى تۈركىيەنىڭ ساياھەت ساھەسىنى ماختىدى

ئەنگلىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان گېزىتلىرىدىن «Telegraph»،  تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ساياھەت قىلىشقا تېگىشلىك دۆلەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1486930
ئەنگلىيە گېزىتى تۈركىيەنىڭ ساياھەت ساھەسىنى ماختىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ساياھەت قىلىشقا تېگىشلىك بىخەتەر دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىكى ئورنىنى ساقلاپ قالغانلىقى، جۈملىدىن، تۈركىيەنىڭ ھەمىشە ئەنگلىيە ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ساياھەت رايونى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەدە چوقۇم 10 نۇقتىنى زىيارەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى، ھەمدە بۇ نۇقتىلار ھەققىدە تەرتىپ بويىچە  تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە يەنە، تۈركىيەنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرىشى نەتىجىسىدە يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ تۆۋەن نىسبەتنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، «ئۆلۈك دېڭىز، «بودرۇم»، «ئىستانبۇل»، «قارادېڭىز» ۋە «مارمارىس» مۇ چوقۇم زىيارەت قىلىشقا تېگىشلىك ساياھەت نۇقتىلىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر