گۇتېررېس: ساياھەت ساھەسىدە 120 مىليون كىشى خىزمىتىدىن ئايرىلىش خەۋىپىگە دۇچ كەلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ساياھەت ساھەسىنىڭ زىيىنىنىڭ 1 تىرىليون 200 مىليارد دوللارغا يېتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، «120 مىليون كىشى خىزمىتىدىن ئايرىلىش خەۋىپىگە دۇچ كەلدى» دېدى.

1479019
گۇتېررېس: ساياھەت ساھەسىدە 120 مىليون كىشى خىزمىتىدىن ئايرىلىش خەۋىپىگە دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتونىيو گۇتېررېس كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ساھەلەرنىڭ بىرسى بولغان ساياھەت ساھەسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى.

گۇتېررېس ساياھەت ساھەسىنىڭ ھەر 10 كىشىدىن بىرسىگە خزمەت ئىمكانىيىتى  يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بىراق ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ساياھەت ساھەسىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، «2020-يىلىنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، خەلقئارالىق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى يېرىمدىن كۆپرەك ئازايدى، ساياھەتتىن قولغا كەلتۈرۈلىدىغان ئېكسپورت كىرىمىدە 320 مىليارد دوللار زىيان بولدى» دېدى.

گۇتېررېس ساياھەتچىلىكتىكى ئومۇمىي زىياننىڭ 1 تىرىليون 200 مىليارد دوللارغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «120 مىليون كىشىنىڭ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

گۇتېررېس كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ ساياھەت كەسپىدىكى تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە ئېغىر زەربە بولغانلىقىنى بىلدۈردى، يۇقۇمنىڭ بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە، نۇرغۇن كىچىك ئارال دۆلەتلىرىگە شۇنداقلا ئافرىقا دۆلەتلىرىگە جىددىي ھالەت ياراتقانلىقىنى  ئۇقتۇردى.

ساياھەت كىرىمىدىكى تۆۋەنلەشكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، بۇنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە قوغدىلىدىغان رايونلاردا قانۇنسىز ئوۋچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

گۇتېررېس ساياھەت ساھەسىنى قايتا قۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ كېلىمات نىشانىغا ئۇيغۇن بولىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ساياھەتچىلىكتە تېخنىكىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، سىجىللىق ۋە يېشىل ئېشىشنىڭ تەشۋىق قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر