ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە پۈتۈشتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش مەسىلىسىدە پۈتۈشتى.

1477307
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە پۈتۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى پىل ھوگان بىلەن  ئامېرىكا سودا ۋەكىلى روبېرت لىتخايزېر،  بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنىڭ سودا بېجىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدا قوشما باياننامە ئېلان قىلدى.

باياننامىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۆزئارا سودىدا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش پىلانى ھەققىدە پۈتۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

بۇنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئۇدا 20 يىلدىن كۆپېرەك ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تۇنجى تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش كېلىشىمى ھېسابلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياننامىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ئېكسپورت قىلىنىدىغان جانلىق ۋە توڭلىتىلغان قىسقۇچپاقا قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنا بېجىنى 1 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ 5 يىللىق بىكار قىلىدىغانلىقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئېكسپورت قىلىنىدىغان تەييار يېمەكلىكلەر،  كىرىستال ئەينەك بۇيۇملار ۋە چاقماق قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنا بېجىنى % 50 چۈشۈرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى سۈركىلىشلىك باسقۇچقا قەدەم قويغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىندىن ئېلىنىدىغان قوشۇمچە تاموژنا بېجى ۋە ئاۋىياتسىيە ساھەسىگە بېرىلىدىغان ياردەملەر مەسىلىلىرىدە ئىختىلاپ بار ئىكەن.  تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش كېلىشىمى، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى يىللىق تەخمىنەن 100 مىليون دوللارلىقتىن مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، لېكىن، پۈتۈشۈش سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر